تۈركىيە ئىتتىپاقداشلىرىدىن پۈتكۈل تېررورچىلارغا قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدۇ

باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشىگىمۇ ھەمدەم بولۇشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

666678
تۈركىيە ئىتتىپاقداشلىرىدىن پۈتكۈل تېررورچىلارغا قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇمان قۇرتۇلمۇش، ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىنكى باياناتى جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش خىزمەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

«بىزنىڭ دوستلىرىمىزدىن، ئىتتىپاقداشلىرىمىزدىن كۈتىدىغىنىمىز، پەقەت دائېشقا قارشى بىر قاتار مەلۇماتلارنى، پاكىتلارنى ياكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرىنى ئورتاقلىشىشىلا ئەمەس» دېگەن قۇرتۇلمۇش، «(كۈتىدىغىنىمىز) ئوخشاشلا PKK / PYD ئۇنسۇرلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارشى ھەرىكەتلىرى توغرىسىدىمۇ تۈركىيەنى ۋاقىپلاندۇرۇشىدۇر. دوستلۇق، ئىتتىپاقداشلىق بۇنى تەقەززا قىلىدۇ. يېقىنقى مەزگىللەردە مەلۇمات، دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرىنى ئورتاقلىشىش جەھەتتە مۇسبەت ئۆزگىرىشلەر بار. لېكىن، بارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە  ئالغان دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرىنىڭ ئورتاقلىشىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ ئۆتۈشنى خالايمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر