«<يۇمشاق تېررور> تۇزىقىغا چۈشمەيلى»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېررور تۇزىقىغا چۈشمەسلىك توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى.

658243
«<يۇمشاق تېررور> تۇزىقىغا چۈشمەيلى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تانزانىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى:

نۆۋەتتە پۈتكۈل دۇنيا ئەللىرىنىڭ بېشىنى ئەڭ كۆپ ئاغرىتىۋاتقان بالايىئاپەت تېرروردۇر. جۈملىدىن ھەممىمىز بۇ بالايىئاپەتكە قارشى بىرلىكتە تەدبىر قوللىنىشىمىز لازىم. قانداقتۇق، «يۇمشاق تېررور»، «قاتتىق تېررور» دېگەندەك تۇزاقلارغا چۈشمەسلىكىمىز لازىم. چۈنكى تۈركىيە 15 – ئىيۇل فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ خائىنلارچە ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا دۇچ كەلدى. فەتھۇللاھچىلار پەقەت تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ ناھايتى چوڭ تەھدىتتۇر. بىز بارلىق دوستلىرىمىزنىڭمۇ بىز دۇچ كەلگەن مۇسىبەتلەرگە، دەرد – ئەلەملەرگە دۇچ كەلمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى بۇ تەشكىلات ھەققىدە تولۇق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەۋاتىمىز ھەم ئاگاھلاندۇرۇۋاتىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر