ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش تەكلىپى قوبۇل قىلىندى

18 ماددىلىق ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش تەكلىپى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى.

656282
ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش تەكلىپى قوبۇل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەكلىپ 339 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.

پارتىيەلىك جۇمھۇر رەئىسلىك تۈزۈمىنى مەزمۇن قىلىدىغان تەكلىپ ئاۋاز بېرىش چەكلىمىسىدىن ھالقىغان ھالدا قوبۇل قىلىندى.

تەكلىپنىڭ ئەڭ مۇھىم ماددىسى جۇمھۇر رەئىسنى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى دەپ ئاتايدىغان ماددا بولۇپ، تۈركىيەنىڭ يېڭى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە باش مىنىستىرلىق تۈزۈمى بىكار قىلىنىدۇ. جۇمھۇر رەئىس ئۆزىنىڭ ياردەمچىلىرىنى ۋە مىنىستىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىيەلەيدۇ ياكى ۋەزىپىلىرىدىن ئېلىپ تاشلىيالايدۇ. ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا قارارنامە چىقىرالايدۇ، جىددىي ھالەت ئېلان قىلالايدۇ، بىراق جىددىي ھالەت جەريانىدا پارلامېنت سۆز ساھىبى بولىدۇ. پارلامېنتنىڭ قارارى بىلەن جىددىي ھالەت بىكار قىلىنىدۇ.

يېڭى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە جۇمھۇر رەئىسنىڭ ئىجرائاتلىرىمۇ تەكشۈرۈلىدۇ. جۇمھۇر رەئىس ئۈستىدىن جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ سوتقا ئەرز سۇنۇلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋازى بىلەن تەكلىپ بېرىش ئارقىلىق تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ.

سوتچىلار ۋە تەپتىشلەر ئالىي ئورگىنى «سودىيەلەر ۋە تەپتىشلەر ئورگىنى» غا ئۆزگەرتىلىدۇ. ئەزالىرىنىڭ سانى 22 دىن 13 كە چۈشۈرۈلىدۇ، ئورگان 2 باشقارمىدىن تەشكىل تاپىدۇ. ئورگاننىڭ 7 ئەزاسى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى، 4 ئەزاسى جۇمھۇر رەئىس تەرىپىدىن سايلىنىدۇ.

پارلامېنت ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ 5 يىلدا بىر قېتىم ئوخشاش كۈندا ئۆتكۈزۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئاساسىي قانۇنغا  ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەھكىمىلىرىدىن باشقا ھەربىي سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قۇرۇلالمايدىغانلىقى ھۆكمى ئىلاۋە قىلىندى.

شۇڭا ھەربىي سوت مەھكىمىلىرى تاقىلىدۇ.

خامچوت ۋە ھېسابات ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپلىرى جۇمھۇر رەئىس تەرىپىدىن پارلامېنتقا سۇنۇلىدۇ.

تەكلىپلەر ئومۇمىي كېڭەشتە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن  جۇمھۇر رەئىسنىڭ ماقۇللىقىغا سۇنۇلىدۇ ھەمدە رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇدا 60 كۈن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش باسقۇچى پىلان بويىچە داۋاملاشسا، تۈركىيەدە ئاپرېلدا رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر