تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قەندىلدىكى ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلىۋەتتى

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك يوشۇرۇنۇۋالغان قەندىل رايونىنى بومباردىمان قىلىپ، 8 نىشاننى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى.

655117
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قەندىلدىكى ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن كەچتە ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 20 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە باشلىنىپ، 20 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە ئاخىرلاشقان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا قەندىل رايونىدىكى ئالدىن ئېنىقلاپ چىقىلغان 8 نىشان يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.

ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن بىخەتەر ھالدا بازىلىرىغا قايتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر