ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلىش ماقۇللاندى
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئومۇمىي كېڭىشىدە، ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش تەكلىپ ماددىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشنى باشلاش، 338 ئاۋازنىڭ ماقۇللىشى بىلەن قوبۇل قىلىندى.
648035
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپنىڭ ماددىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشنى باشلاشقا 480 ئاۋاز بېلەت تاشلىدى. بۇنىڭدا، 134 پارلامېنت ئەزاسى رەت قىلىپ بېلەت تاشلىدى، 2 ئاۋاز ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى، 5 بېلەت قۇرۇق تاشلاندى، 1 ئاۋاز ئىناۋەتكە ئېلىنمىدى.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقىنىڭ ۋەكىلى ئەھمەت ئايدىن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىگە مەخپىي ئاۋاز تاشلاشنىڭ پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن ھالدا ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.
بېلەت تاشلاشتىن كېيىن، تەكلىپنىڭ بىرىنچى ماددىسى ئوقۇلدى. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى بۈگۈن (10-دېكابىر) يەنە توپىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.