چاۋۇشئوغلۇ: ئامېرىكىنىڭ ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا كونا خاتالىقلىرىنى داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ يېڭى باسقۇچتا بۇرۇنقى بەزى خاتالىقلىرىنى داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

647443
چاۋۇشئوغلۇ: ئامېرىكىنىڭ ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا كونا خاتالىقلىرىنى داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 9 – نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، «ئىككى ئاساسلىق ئۈمىدىمىز بار. بىرىنچىسى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشىنىڭ ۋە باشقا كاتتىباشلىرىنىڭ بالدۇرراق دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇپ بېرىلىشىدۇر. ئىككىنچىسى بولسا، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيە گۇماشتىسى ي پ گ بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا خاتىمە بېرىشىدۇر» دېدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، «PKK نىڭ ئىراقتا يىللاردىن بۇيان ئىشغال قىلىۋالغان جايلىرىنى كېڭەيتىشىگە ۋە قاندىلغا ئوخشاش يېڭى بىر ساھە بەرپا قىلىشىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر