بۇ قېتىم «İHH» سۈرىيەگە 27 يۈك ئاپتوموبىلىدا ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى

«İHH» سۈرىيەدە ھاۋانىڭ سوۋۇپ كېتىشى بىلەن تەڭ كىشىلەرنىڭ ياردەم ئېھتىياجلىرىنىڭمۇ كۈنسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى، ساخاۋەتچىلەرنىڭ ياردەملىرىنى ئايىماسلىقى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

647459
بۇ قېتىم «İHH» سۈرىيەگە 27 يۈك ئاپتوموبىلىدا ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرىنى قوغداش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋەخپى «İHH» باشلىغان «ھەلەبكە يول ئېچىڭلار» سەپەرۋەرلىكى دائىرىسىدە، بۇ قېتىم سۈرىيەگە 27 يۈك ئاپتوموبىلىدا ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىلدى.

ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرىنى قوغداش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋەخپى «İHH»نىڭ خادىمى مۇھەممەد مۇرات ئورال ھەلەب ئۈچۈن باشلانغان سەپەرۋەرلىك دائىرىسىدە، نىغدە، قەيسەرى، كوجائەلى، ساكاريا ۋە كونيا قاتارلىق ۋىلايەتلەردىن كەلگەن ياردەملەرنىڭ سۈرىيەدىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۈك ئاپتوموبىلىدا ئوزۇقلۇق ماددىلىرى، ئەدىيال، گېلەم، يوتقان، ياستۇق، ئاياغ، ۋە كىيىم–كېچەكلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن مۇھەممەد مۇرات ئورال، 27 يۈك ئاپتوموبىلىدىكى ياردەم بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقلىرىنى ۋە سۈرىيەگە يوللايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرىنى قوغداش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋەخپى «İHH» خادىمى مۇھەممەد ئورال، سۈرىيەدە ھاۋانىڭ سوۋۇپ كېتىشى بىلەن تەڭ كىشىلەرنىڭ ياردەم ئېھتىياجلىرىنىڭمۇ كۈنسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى، ساخاۋەتچىلەرنىڭ ياردەملىرىنى ئايىماسلىقى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر