تۈركىيەنىڭ ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسىنى تاقىۋېتىش ھوقۇقى بار

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا، تۈركىيەنىڭ ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسىنى تاقاش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

645654
تۈركىيەنىڭ ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسىنى تاقىۋېتىش ھوقۇقى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن تۈركىيەنىڭ ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسىنى تاقاش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىراق، ئەھۋاللار كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ» دېدى. ئۇ بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مەخسۇس پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«سۈرىيەدە تېررورلۇق كارىدورىنىڭ پەيدا بولۇشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ، ئىتتىپاقداشلىرىمىز تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرىشىمىزگە ياردەم قىلىشى كېرەك. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرغان بولسا، سۈرىيە ئۆكتچىلىرى بۈگۈنكىدەك ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالمايتتى، ھەتتا ھەلەبتىكى ئىشلار يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن ئىدى.»

ئۇ ئامېرىكىنىڭ، «سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا ئايروپىلانلارنىڭ 20 كىلومېتىر مۇساپىدىن ئارتۇق ئۇچماسلىق» توغرىسىدىكى قاراشلارنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقى ئۈستىدە توختالدى ۋە مۇنداق دېدى:

«20 كىلومېتىردىن ئېشىپ، تۆۋەنگە قاراپ 35-30 كىلومېتىر ئىلگىرىلىگەندە ئافرىن بىلەن مۈمبىچ ئوتتۇرىسىدا بىر كارىدور ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. دېمەك، پ ي د كارىدورى شەكىللەندۈرۈش ياكى ئۇنى قوغداش مەقسەت قىلىنىۋاتىدۇ. بىز بۇنداق كارىدورنىڭ، يەنى تېررورلۇق كارىدورىنىڭ پەيدا قىلىنىشىغا قەتئىي يول قويالمايمىز، بۇنداق كارىدورنىڭ قۇرۇلۇشىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنى ھەم بىزنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىمىز ھەمدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش نۇقتىسىدىن قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس.»

ئۇ سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئېچىلىدىغان يىغىن ھەققىدە توختالدى. ئۇ يىغىندا، سۈرىيە خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان ھەقىقىي ۋەكىللەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھېچقانداق شەكىلدە ئۇ يىغىنغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر