تۈركىيە ئارمىيەسى ئافغانىستاندا يەنە ئىككى يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا يەنە 2  يىل ۋەزىپە ئۆتۈشىگە مۇناسىۋەتلىك قارارنامە قوبۇل قىلىندى.

643834
تۈركىيە ئارمىيەسى ئافغانىستاندا يەنە ئىككى يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا ناتو قارىمىقدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىزچىل ياردەم بېرىش كۈچى دائىرىسىدە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى يەنە 2 يىل ئۇزارتىش نىشان قىلىنغان باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى قارارنامەسى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدا قوبۇل قىلىندى.

قارارنامىنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېت ئەزالىرى قوللاپ ئاۋاز بەردى.

دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا 700 خادىمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە تۈركىيەنىڭ باشتىن تارتىپلا  ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ناھايتى زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

قارارنامە ئافغانىستاندا ناتو قارمىقىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان چەت ئەل ئارمىيەسى خادىملىرىنى شۇ دۆلەتكە تۈركىيە ئارقىلىق يەتكۈزۈپ قويۇش خىزمىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر