بىنالى يىلدىرىم: دۆلىتىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلار قارا نىيەتلىرىگە ھەرگىز يېتەلمەيدۇ

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئېلان قىلغان يېڭى يىللىق تەبرىكنامىسىدا: «دېموكراتىك مۇقىملىقىمىزنى، قانۇن - تۈزۈمىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆز قارچۇغىمىزنى ئاسىرىغاندەك ئاسرايمىز» دېدى.

641493
بىنالى يىلدىرىم: دۆلىتىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلار قارا نىيەتلىرىگە ھەرگىز يېتەلمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئېلان قىلغان يېڭى يىللىق تەبرىكنامىسىدا تۈركىيەنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ غۇرۇرىنى ئۈستۈن كۆتۈرۈش ئۈچۈن يەر شارى خاراكتېرلىق ۋە رايون خاراكتېرلىق تىنچلىق ئورنۇتۇشتا مەسئۇلىيەت ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم يېڭى يىللىق تەبرىكنامىسىدا: «ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ئارقىلىق شۇنداقلا تېررورىزم تەھدىتلىرى بىلەن دۆلىتىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلار قارا نىيەتلىرىگە ھەرگىز يېتەلمەيدۇ. خەلق بىلەن دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلىكى ئالدىدا چوقۇم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. بۇ يېڭى يىلدىمۇ پۈتۈن خەلق بىرلىكىمىزنى مۇستەھكەملەيمىز. دۆلىتىمىز 2017 – يىلىدا خاتىرجەم قەدەملەر بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى. 

بىنالى يىلدىرىم يەنە، «دېموكراتىك مۇقىملىقىمىزنى، قانۇن - تۈزۈمىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆز قارچۇغىمىزنى ئاسىرىغاندەك ئاسرايمىز. جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ رەھبەرلىكى، ئۆكتىچى پارتىيەلىرىمىزنىڭ مۇرىنى - مۇرىگە تىرىشى شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېررورىزمنى يوقىتىمىز. خاتىرجەملىكىمىز ۋە قېرىنداشلىقىمىزنى ھېچ كىشى بۇزالمايدۇ» دېگەنلەرنى سۆزىگە ئېلاۋە قىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر