يىلدىرىم مېدۋېدېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم رۇسىيە باش مىنىستىرى دىمىترى مېدۋېدېۋغا تېلېفون قىلىپ تەزىيە بىلدۈردى.
638485
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم رۇسىيە باش مىنىستىرى دىمىترى مېدۋېدېۋغا تېلېفون قىلىپ، قارا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن رۇسىيە ئايروپىلانى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە بىلدۈردى؛ يىلدىرىم، تۈرك خەلقىنىڭ بۇ ۋەھىمىلىك ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ۋە يېقىن – يورۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل رۇسىيە فېدېراتسىيەسى خەلقىنىڭ ئازابىنى چىن قەلبىدىن ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باش مىنىستىر يىلدىرىم يەنە، تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى مېدۋېدېۋغا يەتكۈزدى.