تۈركىيە دائىرىلىرى سۈرىيەدە بىخەتەر يېزا قۇرۇپ چىقىدىغان بولدى

سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلار ئۈچۈن سۈرىيەدە 650 مىڭ گىكتار يەرگە لاگېر قۇرۇلىدىغان بولدى.

638978
تۈركىيە دائىرىلىرى سۈرىيەدە بىخەتەر يېزا قۇرۇپ چىقىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋەيسى قايناق، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلار ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئالدىدا تۇرغان يېڭى لايىھەلىرى ھەققىدە ئاخباراتچىلارغا مەلۇمات بەردى.

ۋەيسى قايناق سۈرىيەلىكلەر ئۈچۈن لاگېر قۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، «سۈرىيەدە 650 مىڭ گېكتار يەر تاپتۇق. بىز ئورنى تۈركىيەنىڭ سىرتىدا بولىدىغان، ھەم ئەسەد قىسىملىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىمايدىغان، ھەم بىزنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىكىمىزگىمۇ زىيان يەتكۈزمەيدىغان شەكىلدە ئولتۇراق رايون قۇرۇپ چىقىشنى ئويلاشتۇق. قۇرۇلۇشلار پۈتۈپ قالدى. داۋاملىق كونتىروللۇق ئاستىدا بولىدىغان بىر لاگېر بولۇشىنى خالايمىز» دېدى.

بۇ دائىرىدە بىخەتەر يېزا لايىھەسىنىڭ ئىشقا ئاشرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋەيسى قايناق: «كىلىستە خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن ئولتۇراق رايون قۇرۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز. ئازەز ۋە چۇبانبەيدە 659 مىڭ كىشى بار. 180 ياكى 190 مىڭ كىشى ئۆيسىز ئەھۋالدا. ئەگەر يېزا ئۆيلىرى ياساپ بەرسەك، بۇ يەرنىڭ زېمىنى ئىنتايىن مۇنبەت. زەيتىن، فىندىق ۋە پاختا يېتىشتۇرۈش بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ» دېدى. 

پاناھلانغۇچىلار لاگېرىنىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان سۈرىيەلىكلەر ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «لاگېرلاردىكىلەر بىر شەكىلدە كونتىرول قىلىنماقتا. لاگېر سىرتىدا ياشاۋاتقان 2 يېرىم مىليون ئىنسان بار. 3 ئايدىن كېيىن قايتىپ كېتىمىز دەپ لاگىرغا كىرمىگەن. بۇ <ئوتتۇرىدا غايىب بولۇپ كەتكەن بىر نەسىل بار> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇلار تۈركىيەدە تۇرسىمۇ ياكى قايتىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئۈمىتسىزلىككە پاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يا ئەلقائىدەگە ۋە ياكى دائېشقا قېتلىپ كېتىدۇ. بۇ سۈرىيەلىك غايىپ بولۇپ كەتكەن نەسىل مەيلى تۈركىيەدە تۇرسۇن، ياكى قايتىپ كەتسۇن، بۇنىڭدىن قەتئىي نەزەر، ياۋروپاغا نىسبەتەن چوڭ تەھدىت بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇڭا بىز لايىھە تۈزىۋاتىمىز» دېدى. 

سۈرىيەلىك غايىپ بولۇپ كەتكەن نەسىل ئۈچۈن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان خىزمەتلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر