رۇسىيە ئەلچىسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋنىڭ بىر كۆرگەزمە سالونىدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

633724
رۇسىيە ئەلچىسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋ بۈگۈن (19-دېكابىر) كەچ تەرەپتە بىر كۆرگەزمە سالونىدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. كارلوۋ جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى گۈەن دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلدى.

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى رەجەپ ئاقداغ رۇسىيە باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋ ئاپىرىلغان دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا شەخسەن ئۆزى قوماندانلىق قىلدى. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ ۋەقە يۈز بەرگەن كۆرگەزمە سالونىدا تەكشۈرۈشلەردە بولدى.تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى بولسا، ۋەقە سەۋەبىدىن جىددىي توپلاندى ۋە رۇسىيە تەرەپ بىلەن ئالاقە ئورناتتى.

رۇسىيە باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋنى ئاپىرىلغان گۈەن دوختۇرخانىسىدا قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ناھايىتى ئەپسۇسكى ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلدى.

رۇسىيە باش ئەلچىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا ئېلان قىلدى.    

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ھۇجۇمچى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

رۇسىيە باش ئەلچىسى كارلوۋ ئۈچ يىلدىن بېرى ئەنقەرەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىدى.

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق ۋە سەھىيە مىنىستىرى رەجەپ ئاقداغلارنىڭ ۋەقە ھەققىدە رەسمىي بايانات ئېلان قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

مارىيا زاخاروۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، بۇ ھۇجۇمنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ ئاتىدى. ئۇ: «تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز، جىنايەتچىلەر قانۇن بويىچە جازاغا تارتىلىشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر