يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر قەيسەرىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش: «تېررورلۇقنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان سىياسىي ئەقىلنى مەغلۇپ قىلىمىز» دېدى.

632421
يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر قەيسەرىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش قەسەرىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە توختىلىپ، «پۈتۈن مىللەت بىرلىشىمىز. ئىتتىپاقىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيمىز. تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ھەرگىز ئادەتلەنمەيمىز. ھارماي – تالماي كۈرەش قىلىمىز. تېررورلۇققا قەتئىي باش ئەگمەيمىز» دېدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش قەسەرىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۇجۇمنى «پەسكەشلىك» دەپ تەرىپلىدى ۋە لەنەت ئوقىدى. شېھىتلەرگە ئاللاھتىن رەھمەت، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا سەبىر – تاقەت، يارىدار بولغانلارغا بالدۇرراق شىپالىق تېلىدى. ئۇ باياناتىدا: «پۈتۈن مىللەت بىرلىشىمىز. ئىتتىپاقىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيمىز. تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ھەرگىز ئادەتلەنمەيمىز. ھارماي – تالماي كۈرەش قىلىمىز. تېررورلۇققا قەتئىي باش ئەگمەيمىز. تېررورلۇقنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان سىياسىي ئەقىلنى مەغلۇپ قىلىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئارمىيە باش قوماندانى خۇلۇسى ئاقارمۇ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى قەتئىيلىك بىلەن تېخىمۇ كۈچەيتكەن ھالدا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئارمىيە باش قوماندانى گېنېرال خۇلۇسى ئاقار قەيسەرىدە ھەپتە ئاخىرى دەم ئېلىشقا چىققان ئەسكەرلەرنى ۋە ھەربىي ئوفېتسىرلەرنى ئېلىپ كېتىۋاتقان ئاپتوبۇسقا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى.

خۇلۇسى ئاقار 13 ئەسكەر شېھىت بولۇپ، 48 ئەسكەر يارىدار بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشلىرىمىز ئاخىرىقى بىر تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغانغا قەدەر تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملىشىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر