ئەردوغان: «تۈركىيە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورتاق ھۇجۇمىغا دۈچ كەلمەكتە»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «بۈگۈن پىرىنسىپىمىزدا بىرلىشىدىغان، باراۋەر ۋە قېرىنداش بولىدىغان، جۈملىدىن ھەممىمىز بىرلىكتە تۈركىيە بولىدىغان كۈندۇر» دېدى.

632516
ئەردوغان: «تۈركىيە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورتاق ھۇجۇمىغا دۈچ كەلمەكتە»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە ئورتاق ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۇرۇپ، «بۇ ھۇجۇملارنى سۈرىيە ۋە ئىراقتا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ» دېدى.

ئەردوغان قەيسەرىدىكى خائىنلارچە تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ئەردوغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ئەسكەر ۋە ساقچىلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە 79 مىليونلۇق خەلقىمىزنىڭ ھەممىنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا. تۈركىيە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورتاق ھۇجۇمىغا دۈچ كەلمەكتە. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى مىللىتىمىز بىلەن بىرگە، بىر مىللىي سەپەرۋەرلىك رۇھى ئىچىدە، قەتئىي ئارادە بىلەن تەڭ كۈرەش قىلىمىز. تېخى ئۆتكەن شەنبە كۈنى كەچتە ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى سەۋەبىدىن يۈرەكلىرىمىز پۇچىلىنىپ تۇرغان بىر پەيتتە، قەيسەرىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ بومبا ھۇجۇمى ئازابىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بولۇپمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالماقتا. پائالىيەتلىرىنىڭ شەكلى ۋە نىشانلىرى ئەسلىدە بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ يولىنى توسۇشقا، چاپۇتلاشقا، كۈچى ۋە ئېنېرگىيەسىنى باشقا تەرەپلەرگە بۇرمىلاشقا مەركەزلەشكەنلىكىنى ئىنتايىن ئوچۇق بىر شەكىلدە نامايان قىلىپ بەرمەكتە. بىز دۇچ كەلگەن بۇ ھۇجۇملارنىڭ رايونىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن، بولۇپمۇ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ۋەزىيەتتىن، ھەتتا ئىقتىسادتىكى داۋالغۇشلاردىنمۇ ئايرىم ئەمەسلىكىنى بىلىمىز. بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى مىللىتىمىز بىلەن بىرلىكتە، بىر مىللىي سەپەرۋەرلىك رۇھى ئىچىد قەتئىي ئىرادە بىلەن تەڭ كۈرەش قىلىمىز. بۈگۈن <بىر مىللەت، بىر بايراق، بىر ۋەتەن، بىر دۆلەت> پىرىنسىپىمىزدا بىرلىشىدىغان، باراۋەر ۋە قېرىنداش بولىدىغان، جۈملىدىن ھەممىمىز بىرلىكتە تۈركىيە بولىدىغان كۈندۇر»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر