قەيسەرىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يارىدار بولغانلارنىڭ سانى ئاشتى

قەيسەرىدىكى ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمۇدا يارىدار بولغانلارنىڭ سانى 55 كە چىقتى.

632455
قەيسەرىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يارىدار بولغانلارنىڭ سانى ئاشتى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق بۇ قېتىم ئىپلاس ئەپتى – بەشىرىسىنى قەيسىرىدە كۆرسەتتى.

تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەتىگەن سەھەردە ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان خائىنلارچە ھۇجۇمدا، 13 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى ۋە 55 ئەسكەرنىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ قەيسەرىگە بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈشلەردە بولدى. تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 6 ئەسكەرنىڭ ئېغىر ۋە 12 ئەسكەر جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە بولۇپ، جەمئىي 55 ئەسكەرنىڭ يارىدار بولغانلىقى ئېيتتى.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋەيسى قاناقمۇ مەلۇمات بېرىپ، قەيسەرىدىكى 1 – كوماندىرلار ئەترىتىدە خىزمەت قىلىدىغان ۋە ھەپتە ئاخىرى دەم ئىلىشقا چىققان ئەسكەرلەرنى ئېلىپ كېتىۋاتقان ئاپتوبۇسقا ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. 

ۋەقەنى جىددىي تەكشۈرۈش ئۈچۈن 6 – جۇمھۇرىيەت مۇپەتتىشى ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر