ئىستانبۇلدا ھەلەب قەتلىئامىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيەگە قارشى ئىستانبۇلدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

631207
ئىستانبۇلدا ھەلەب قەتلىئامىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى سۈرىيە ھۆكۈمىتى، ئىران ۋە رۇسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى.

50 تىن ئارتۇق ئاممىۋى تەشكىلات قوللىغان نامايىشقا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان سۈرىيەلىك مۇساپىرلارمۇ قاتناشتى.

نامايىشچىلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «زالىملارنىڭ سۈرىيەنىڭ ئېتنىك ۋە مەزھەپ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ۋە زۇلۇم تۈزۈملىرىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش مەقسىتىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىي سىياسەتلىرى نۆۋەتتە ھەلەبتە 300 مىڭ كىشىنى ئاچارچىلىققا، ئۇسسۇزلۇققا  دۇچار قىلماقتا ھەمدە كۆچۈشكە مەجبۇرلىماقتا.»

ئىراننىڭ سۈرىيەدە مەزھەپ خاراكتېرلىك تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «سۈرىيەدە ئۇدا 5 يىلدىن بۇيان مىليونلارچە كىشى يا دۆلىتىنى ياكى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان شەھەرنى تەرپ ئېتىپ، كۆچمەن بولۇشقا مەجبۇر بولدى. مىڭلارچە ئىنسان، جۈملىدىن نارىسىدە بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار قارا – قويۇق قەتلە قىلىندى، كۆچمەن سۈپىتىدە ياۋروپاغا كەتمەكچى بولغان قانچىلىغان ئايلان بوۋاقلار ئاقدېڭىزدا، ئەگە دېڭىزىدا غەرق بولۇپ كەتتى.»

بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتكەن ساقچىلار نامايىشچىلارنىڭ ئىران باش كونسۇلخانىسىغا يېقىنلىشىغا رۇخسەت قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر