يىلدىرىم: بىز مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ھەم شەرق بىلەن ھەم غەرب بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز

باش مىنىستىر يىلدىرىم ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارىنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەڭدىشى دەپ قارىماسلىق كېرەك» دېدى.

617763
يىلدىرىم: بىز مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ھەم شەرق بىلەن ھەم غەرب بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم ت ر  ت نەق مەيدان پىروگراممىسىدا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ  جۇغراپىيە جەھەتتىن شەرت – شارائىتلىرى ئىنتايىن ئەۋزەل گېئېپولىتىكىلىق رايونغا جايلاشقانلىقىنى، جۈملىدىن ھەم ياۋروپا ھەم ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن يىللار مابەينىدە «ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولىمىز» دەپ ھەرگىزمۇ باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىرىگە سەل قارىمىغانلىقىنى، بۇ نۇقتىنى چىقىش قىلىپ، رۇسىيە، كاۋكاز رايونى، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.

دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر تاشلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن يىلدىرىم، نۆۋەتتە خىتاي، ھىندىستان، ياپونىيە، ھىندونېزىيە ۋە مالايشىيا قاتارلىق ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەقىقەتنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يىلدىرىم ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى مۇزاكىرىلىرىنى ۋاقىتلىق توڭلىتىپ قويۇش مەزمۇن قىلىنغان تەۋسىيە قارارىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان سۈركىلىش ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ھەممىگە ئايان ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈرلۈك باھانە – سەۋەبلەر بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماقچى بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشماقچى بولۇشى، تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن بىزگە بېسىم ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇشى بىزنىڭ ئەسلا دىتىمىزغا ياقمايدىغان بىر ئىش. چۈنكى بىز ئۆز قارارىمىزنى ئۆزىمىز بېرىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئەڭ چوڭ تايانچ كۈچىمىز جەسۇر خەلقىمىزدۇر. بىز ئەنئەنىمىزنىمۇ، ئەركىنلىكىمىزدىنىمۇ جېنىمىزدىنمۇ بەكرەك ئاسرايدىغان ھەم ئەتىۋارلايدىغان بىر مىللەتمىز.»

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ رېئال ۋەزىيىتى بىلەن زىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنى زەھەرلەۋاتقان پ ك ك ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن ئىبارەت ئىككى تەشكىلات بارلىقىنى، بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ تىنىم تاپماستىن  ۋە كۈچىنىڭ بارىچە ياۋروپاغا تۈركىيەنى يامان كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارى تۈركىيەگە نىسبەتەن ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. بۇ قارار كېيىنچە باشلىقلار يىغىنىدا بىر كۈنتەرتىپ ماددىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ياۋروپانىڭ كېلەچىكىنى تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە بەرپا قىلىدىغان كۈچلۈك بىر رەھبەرلىك مىخانىزمى تۇرغۇزۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەڭدىشى دەپ قارىماسلىق كېرەك. چۈنكى بىز مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ھەم شەرق بىلەن ھەم غەرب بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز .»

باش مىنىستىر يىلدىرىم سۈرىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۈچ ئەسكەرنىڭ شېھىت قىلىنىشى توغرۇلۇق توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «باش قوماندانلىق ئىشتابىمىز بۇ ھەقتە كەسپداشلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.»

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قارىتا باشقىچە قارىشىنىڭ يولۇقىنى، جۈملىدىن ھەلەبكە يۈرۈش قىلىش نىشانىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم، تۈركىيەنىڭ «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پ ي د، ي پ گ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك قاتارلىقلارنىڭ رايوننى مۇقىمسىزلاشتۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى باشچىلىقىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر