يىلدىرىم ۋاڭ يىنى قوبۇل قىلدى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

610903
يىلدىرىم ۋاڭ يىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، تۈركىيە – خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭەش مېخانىزمىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن  خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، ئۇچرىشىشتا قويۇق سىياسىي دىيالوگدىن سىرت ئىقتىسادىي، سودا، قاتناش ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى كۈچلۈك ئىرادىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىمۇ،  تۈركىيە بىلەن دۆلىتى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلەر دائىرىسىدە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلىشى مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ئوخشاش قاراشتا ئىكەنلىكىنى، ئىككى تەرەپ شۇنداقلا رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر بويىچە ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىشىدىن ئالاھىدە مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر