چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا توغرىسىدا، ۋاڭ يى ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈستىدە توختالدى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا پارلامېنتى رەئىسى مارتىن سكۇلىزنىڭ باياناتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ھېچقانداق تەسىر كۈچىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

609968
چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا توغرىسىدا، ۋاڭ يى ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا پارلامېنتىنى ئەيىبلەپ: «ئەگەر كۈچى يەتسە، ئالدى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرىنى توختاتسۇن» دېدى.

ئۇ رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ: «سكۇلىزنىڭ تەھدىت خاراكتېرلىك باياناتلىرىنىڭ ھېچقانداق كۈچى يوق. سكۇلىز ياۋروپا پارلامېنتىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ پائالىيەتلىرىنى توختاتسۇن، كۈچى يەتسە تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئەيىبلىسۇن. ئىقتىسادىي ئېمبارگو مەسىلىسىدىمۇ قولىدىن كەلگىنىنى قىلسۇن، نېمە قىلىشنى خالىسا شۇنى قىلسۇن. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى رەئىسىنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنى ھەمدە قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيەسىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى سكۇلىز گېرمانىيەدە چىقىدىغان «سونتاگ گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تۈركىيەدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختىلىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى سەۋەبىدىن تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان «ئۆلۈم جازاسى» قايتا يولغا قويۇلغان ئەھۋالدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي ئېمبارگو ئېھتىمالىنى ئويلىشىدىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى «تۈركىيە-خىتاي تاشقى ئىشلار مۇزاكىرە مېخانىزمى» نىڭ تۇنجى يىغىنىنىڭ ئوچۇق ۋە سەمىمىي شەكىلدە ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىققا قاراپ تېز ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ۋاڭ يى ئىككى دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق بىخەتەرلىكنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش توغرىسىدا ئوخشاش پىكىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە مۇنداق دېدى:

«خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە چوقۇم ئۆزئارا ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىشىمىز لازىم.»

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى رايونلۇق مەسىلىلەرنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئىشلىرىنىڭمۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى ۋە: «ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغان ۋە تەرەپلەرنىڭ سەزگۈرلۈكلىرىگە دىققەت قىلغان چارە-تەدبىرلەرنى بىرلىكتە تېپىش كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر