تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنى يىغىنغا چاقىردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك، ئەتە (دۈشەنبە) ئەنقەرەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرى باش ئەلچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

604737
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنى يىغىنغا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر ئۆمەر چەلىكنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرىنى يىغىنغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، مىنىستىر چەلىك خىزمەت ناشتىسى سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىگە تۈركىيەدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار بويىچە خىتاب قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر