شىرناق بىلەن ھاككارىدا 17 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە دائىرىسىدە شىرناق ۋە ھاككارىدا 17 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

604796
شىرناق بىلەن ھاككارىدا 17 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىنتېرنېت سەھىپىسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھاككارىنىڭ چۇقۇرجا ناھىيەسىدىكى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تۈنۈگۈن 3 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى، 4 دانە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىغان بومبىنى چۇۋۇپ تاشلىغانلىقىنى، ئۈچ ئايرىم پاناھگاھتىن 12 راكېتامىيوت ئوقى، 500 دانە ئايروپىلان ئاتار ئوقى، 2100 دانە كالاشنىكوف ئوقى، 11 دانە قول بومبىسى، 60 لىتىر دىزېل، ئاۋاز ئېلىش ئاپپاراتى ۋە كۆپ مىقداردا ھەر خىل تۇرمۇش لازىمەتلىكلەرنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

شىرناقتىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بولسا، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 8 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى؛ خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىككى پاناھگاھىنى بايقىدى. 15 خانىلىق پاناھگاھلاردىكى 1535 كىلوگىرام ئاممونىي نىترات، ئۈچ توننا ئاشلىق، 263 جۈپ ئاياغ، 876 جۈپ پايپاق، نۇرغۇن مىقداردا ھەر خىل تازىلىق ۋە تېببىي لازىمەتلىكلەرنى قولغا چۈشۈردى.

سىلوپىدا ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى دەلىللەنگەن 6 تېررورچى بولسا، زەمبىرەكچىلەر تەرىپىدىن ئۇجۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر