ئەردوغان: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى مېنىڭ يول خەرىتەمدۇر

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتارنىڭ ئەل جەزىرە تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بويىچە ئىش قىلغاندا خاتالىقلاردىن ئۇراق تۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

603672
ئەردوغان: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى مېنىڭ يول خەرىتەمدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلى ئەلزۇفەيرى رىياسەتچىلىك قىلغان ئەل جەزىرەنىڭ «ئەل مۇقابالە» پىروگرامىسىنىڭ دەسلەپكى ئىككى بۆلۈمى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئاجرىتىلدى. پىروگراممىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بالىلىق ۋاقتىدىن ياشلىقىغىچە ۋە سىياسىي ھاياتى باشلانغاندىن تارتىپ جۇمھۇر رەئىسلىكىگىچە بولغان مۇساپە توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۆھبەت داۋامىدا، ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى بولغان ۋاقتىدا تۈرمىگە كىرىشىگە سەۋەب بولغان شېئىرنىمۇ ئوقۇپ بەردى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رىياسەتچى ئەل زۇفەيرىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، ئۇ كېچە بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«دېموكراتىيەگە يېڭىدىن تەبىر بەردۇق ۋە دۇنياغا، مۇسۇلماننىڭ قانداق سىياسەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتۇق. سېكۇلارىزمغىمۇ يېڭى تەبىر بەردۇق، سىكۇلارىزمنىڭ بىر چاغلاردا تۈركىيەدە چۈشىنىلگەندەك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردۇق. سېكۇلارىزم-ھەرقانداق دىنىي ۋە پىكرىي ئېقىمغا تەۋە گۇرۇپپىلارنىڭ ئۆزى خالىغان شەكىلدە ياشىشىنى، دۆلەتنىڭ بارلىق بۇ ئېتىقادلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىشىدۇر. يولىمىزنى باشتىن تارتىپ مۇشۇنداق بەلگىلىدۇق.»

ئۇ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى يۈز بەرگەن 15-ئىيۇل كېچىسى گىرېتسىيە ئاراللىرىغا قېچىپ كېتىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«بۇ زېمىندا تۇغۇلدۇم ۋە بۇ زېمىندا ئۆلىمەن، باشقا يەرگە كېتىشنى ئويلاپمۇ باقمىدىم. <رەھبەر تاشنىڭ ئارقىسىغا مۆكۈنسە، خەلق تاغنىڭ ئارقىسىغا مۆكۈنىدۇ> دېگەن گەپ بار. رەھبەر دېگەن ھەرقاچان مەيدانلاردا بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، خەلق ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ.»

ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنىڭ ئۆزىنىڭ «يول خەرىتىسى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، سۈننەت بويىچە ياشاشقا تىرىشقانچە خاتالىقلاردىن ئۇزاق تۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يۇقىرى ماھارەتتە نۇتۇق سۆزلەش ۋە ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشىنىڭ ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا باشلانغانلىقىنى، مەۋلانا جالالىددىن رۇمى، مەھمەت ئاكىف ئەرسوي ۋە نەجىپ فازىل كىساكۈرەك قاتارلىق داڭلىق شەخسلەردىن ئىلھام ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر