فىرات قالقىنى ھەرىكىتى 70- كۈنىگە قەدەم قويدى

سۇرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ باشلامچىلىقىدا باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى 70 - كۈنىگە قەدەم قويدى.

601451
فىرات قالقىنى ھەرىكىتى  70- كۈنىگە قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ باشلامچىلىقىدا باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ 70 – كۈنىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 120؛ PKK/PYD نىڭ 2 نۇقتىسى توپقا تۇتۇلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى بايانات بېرىپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ فىرات قالقىنى ھەرىكىتى باشلىغاندىن بۇيان 170 ئاھالىلەر رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1350 كىۋادرات كىلومېتىر جاينىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ 70 – كۈنىدىكى توقۇنۇشلاردا 12 ئۆكتىچى يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر