دائېشنىڭ 162، پ ي د نىڭ 12 نۇقتىسى توپقا تۇتۇلدى

سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورىستلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى بويىچە داۋاملىشىۋاتقان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 162، تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK/PYD نىڭ 12 نۇقتىسى توپقا تۇتۇلدى.

599825
دائېشنىڭ 162، پ ي د نىڭ 12 نۇقتىسى توپقا تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى بايانات بېرىپ، بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ دائېش نۇقتىلىرىغا قىلغان ئىككى ھاۋا ھۇجۇمىدا بىر تېررورچى يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھەرىكەت باشلانغاندىن بۇيان 167 ئاھالىلەر رايونىنىڭ كونتروللۇقى ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسىنىڭ قولىغا ئۆتتى. سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى 1330 كىۋادرات كىلومېتىر جاي تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلدى.

ھازىرغىچە كۆپىنچىسى قۇرۇلغان ھالەتتىكى 30 مىنا بىلەن 1369 دانە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ پىلانلىق ھالدا چۇۋۇپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر