قالىن: «15-ئىيۇلدىكى ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدا گۈلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى بار»

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن 15-ئىيۇل كېچىسى يۈز بەرگەن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ پەردە ئارقىسىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بارلىقىغا ھېچقانداق گۇماننىڭ قالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

599187
قالىن: «15-ئىيۇلدىكى ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدا گۈلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى بار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتچى قالىن مارمارا ئۇنىۋېرستېتى ئىلاھىيات فاكۇلتېتى تەرىپىدىن پىروفېسسور دوكتور راشىت كىچىك كونفېرانس زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشى: ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەمكارلىقى» ناملىق لېكسىيە يىغىنىدا، 15-ئىيۇل كېچىسى قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىق ئۈچۈن ئۆزئارا ئۇچرىشىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ 15-ئىيۇل كېچىسىدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوزغاشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ، «بۇ كىشىلەر نېمىشقا كوچىغا چىقىدۇ؟» دەپ بىر-بىرىدىن سورىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزئارا «بىزنىڭ خەلقىمىز ئۇنچىۋالا جەسۇر ئەمەس»، «ئۇلار F-16 لارغا قارشى نېمە قىلىشىنى بىلەلمەيدۇ»، «قولىدا قورال بار ئەسكەرلەرنى كۆرسە قېچىپ كېتىدۇ» دەپ پاراڭ سېلىشقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشىنى قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان خەلقنىڭ توختىتىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«بەلكىم دۇنيادا ھېچقانداق بىر دۆلەتتە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن بۇنداق پىداكارلىق كۆرسىتىش ئاز كۆرۈلىدۇ. بىز بۇ نۇقتىدىن تۈركىيە جەمئىيىتىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى كىشىلەرنىڭ ئىمانلىق بولۇشى ۋە كوچىغا چىقالايدىغان جاسارەتلىك بولۇشىدۇر. بەزىلىرى ھاياتىنى بايرىقى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن پىدا قىلدى.»

ئىبراھىم قالىن: «گۈلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇندى. <بۇ گۇرۇھ دۆلەت ئورگانلىرىغا قانداق سىڭىپ كىرەلەيدۇ؟>، <قانداق قىلىپ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇندى؟» دېگەن سوئاللارنى سوراشقا بولىدۇ. بۈگۈنگىچە سوراقتا ئاشكارىلانغان يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسلانغاندا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشنىڭ پەردە ئارقىسىدا بارلىقىغا ھېچقانداق شۈبھە قالمىدى» دېدى.

ئۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇلدىن بۇرۇن، «تۈركىيەدە بىر دىكتاتور بار ۋە بۇ دىكتاتوردىن ھەربىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق قۇتۇلغىلى بولىدۇ» دېگەن قاراشنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ بۈگۈن 15-ئىيۇل تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تۈركىيەنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«ئىقتىسادىي تېخىمۇ كۈچلۈك، دۆلەت تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلاشقان سىياسەت بار. بۇنداق ۋەقە باشقا دۆلەتتە يۈز بەرگەن بولسا ئىدى، دۆلەت ئورگانلىرى بىر-بىرىنىڭ پىيىگە چۈشكەن، جەمئىيەت بۆلۈنگەن ۋە بىر-بىرىگە دۈشمەن بولاتتى. ئەمما، بۇ خائىنلارچە قىلىنغان ھەربىي ئىسياندىن كېيىن، يېڭى كۆۋرۈكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، تۈركىيە ئىزچىل ھالدا ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇۋاتىدۇ. پات يېقىندا بوغۇزنىڭ ئاستىدىن ئۆتىدىغان تونېل پۈتىدۇ. ئۆتكەنكى كۈنلەردە دۇنيا ئېنېرگىيە مۇنبىرى يىغىنىنى ئېچىپ، دۇنيا ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى داڭلىق كىشىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئېنېرگىيە سىياسىتىنىڭ كېلەچىكىنى مۇھاكىمە قىلدۇق. بىزنىڭ تاشقى ۋە ئىچكى سىياسىتىمىزنى نەزەردە تۇتقاندا، تۈركىيەنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك دۆلەت ئىكەنلىكىنى خاتىرجەم ھالدا ئېيتالايمىز. بۇ خەلقىمىزنىڭ جاسارىتى ۋە قەھرىمانلارچە ئىرادىسىگە مۇناسىۋەتلىك نەتىجە ھېسابلىنىدۇ.»

ئۇ ئاخىرىدا، بۇنىڭدىن كېيىن 15-ئىيۇل ۋەقەسىگە ئوخشاش بىر ۋەقەنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن شېھىتلەرنى ئەسلەپ تۇرۇش لازىملىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر