جون كېررى جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى تۈرك خەلقىنىڭ 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەپ، يازما بايانات ئېلان قىلدى.

598877
جون كېررى جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەپ، يازما بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋە ئامېرىكا خەلقى نامىدىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 93-يىللىقىنى كۈتۈۋالغان تۈرك خەلقىنى تەبرىكلەيمەن» دېدى.

ئۇ باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ئىتتىپاقدىشى بولۇپ كەلگەن تۈركىيەنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلانغان ھۆكۈمىتىنى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنى تەۋرەنمەس روھ بىلەن ئىزچىل قوللىغانلىقىنى، 15-ئىيۇل كېچىسى يۈز بەرگەن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدە يېقىن-يورۇقلىرىدىن ئايرىلغانلارغا يەنە بىر قېتىم تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش، دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسى ۋە ئاشقۇنلۇقنى قوللايدىغان گۇرۇپپىلارنىڭ تەھدىتىگە قارشى كۈرەش قىلىش قاتارلىق بىر قاتار قىيىنچىلىقلارنى بىرلىكتە يىڭىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا، بولۇپمۇ تۈركىيەدە يېقىنقى كۈنلەردە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئادالەت، بىخەتەرلىك ۋە قانۇننىڭ ھەممىدىن ئۈستۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن تۈركىيەنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ. ئامېرىكىلىقلار تۈركلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە كۆپ ئەھمىيەت بېرىدۇ. سىلەر بۇ ئالاھىدە كۈننى تەبرىكلەۋاتقاندا، شاد-خۇراملىق، باياشاتلىق ۋە ئىشەنچكە تولغان بىر يىلنى ئۆتكۈزۈشۈڭلارنى تىلەيمىز.»   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر