چەت ئەللىك مۇخبىرلار ت ر ت نى زىيارەت قىلدى

بالقان رايونىغا جايلاشقان يەتتە دۆلەتتىن كەلگەن مۇخبىرلار تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنى زىيارەت قىلىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

597682
چەت ئەللىك مۇخبىرلار ت ر ت نى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بالقان رايونىدىكى يەتتە دۆلەتتىن كەلگەن 23 مۇخبىر فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدە ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت) نى زىيارەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى بايان قىلدى.

كوسوۋۇدىن كەلگەن مۇخبىر مامەر فۇشا 15-ئىيۇل كېچىسى ت ر ت دە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى، خەلقنىڭ ت ر ت غا كېلىپ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققانلىقى ۋە بۇنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ مەغلۇب قىلنىشىدا ئەڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلارنىڭ بىرى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇخبىرلار ھەيئىتى خىتابنامە ئوقۇلغان «15-ئىيۇل مىللەت ستۇدىيوسى» نى زىيارەت قىلدى. سېربىيەدە مۇخبىرلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋلادىمىر فىلىپوۋىچ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقلىرىنى ۋە بۇ تەشكىلات توغرىسىدا ھەقىقەتلەرنى بىلگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

مۇخبىرلار ھەيئىتى غازى ۋە شېھىت يېقىنلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، 15-ئىيۇل كېچىسى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئاڭلىدى. ئالبانىيەدىن كەلگەن مۇخبىر جۇلىيانا پرىفتى مۇنداق دېدى:

«ئالبانىيەدە چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن مەلۇمات ئالغانلىقىمىز ئۈچۈن، بۇ يەردە قانداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئانچە ئېنىق بىلەلمىدۇق. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەقىقىي ئەپت-بەشىرەسىنى بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن بىلدۇق» دېدى.

بوسنىيەلىك مۇخبىر ئەلمىنا مۇھىج بولسا: «بۇ قېتىمقى زىيارەت، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشىنىشىمگە پايدىلىق بولدى. تۈرك خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنى قۇتقۇزۇش كۈچىنى كۆردۈم، بۇ مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەيران قالارلىق ۋەقەدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر