پ ي د تېررورچىلىرى تۈركىيە تەۋەلىكىگە زەمبىرەك بىلەن ھۇجۇم قىلدى
سۇرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىگە قاراشلىق ئافرىن رايونىدىن ئېتىلغان زەمبىرەك ئوقى خاتاينىڭ گۈنتەپە چېگرا پونكىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايغا چۈشتى.
593605
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىگە قاراشلىق ئافرىن رايونىدىن خاتاينىڭ گۈنتەپە چېگرا پونكىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى بوش جايغا بۈگۈن ئەتىگەندە 5 دانە زەمبىرەك ئوقى ئېتىلدى.
ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ياكى ھەرقانداق ماددىي زىيان كۆرۈلمىدى.
تۈركىيە زەمبىرەكچىلەر قىسىملىرى ھۇجۇمدىن كېيىن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئافرىن رايونىدىكى PYD/YPG نىشانلىرىغا زەبە بەردى.