دىيارباكىردا تېررورچىلار بىلەن شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى
تېررورچىلار لىجە ناھىيەسى ئەتراپىدىكى ئېگىزلىكتىن مىنىبۇسقا راكىتامىيۇت ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىيارباكىردا يېزى قوغدىغۇچىلىرىنى ئېلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ھەربىي ھەىكەتتىن قايتىۋاتقان مىنىبۇس تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
ۋەقەدە 1 يېزا قوغدۇغۇچىسى شېھىت بولدى ۋە 3 نەپەر يېزا قوغدۇغۇچىسى يارىدار بولدى.
تېررورچىلار لىجە ناھىيەسى ئەتراپىدىكى ئېگىزلىكتىن مىنىبۇسقا راكىتامىيۇت ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
يېزا قوغدىغۇچىلىرىنىڭمۇ ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرۇشى نەتىجىسىدە شىددەتلىك ئېتىشىش يۈز بەردى.
تېررورچىلارنىڭ ئوقىدا 1 يېزا قوغدۇغۇچىسى شېھىت بولۈپ 3 نەپەر يېزا قوغدۇغۇچىسى يارىدار بولدى.
ياردىدارلار تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن دىياباكىردىكى دوختۇرخانىغا يوللاندى.
تېررورچىلارنى ئۇچۇقتۇرۇش ئۈچۈن باشلانغان ھەرىكەت داۋاملاشماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان خەلقئارا ئائىلە كۈنىنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 15-ماي خەلقئارا ئائىلە كۈنىنى تەبرىكلىدى.