تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى پارىژدا

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل قاھرامان فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا

588957
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى پارىژدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسمائىل قاھرامان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت تۈركىيەنىڭ پارىژ باش كونسۇلخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق مەسلىھەتچىسى ئەلى ئونارەر تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.

پارلامېنت باشلىقىنىڭ فىرانسىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىنىڭ تۇنجى بېكىتى تۈركىيەنىڭ پارىژ باش كونسۇلخانىسى ئىدى.

قاھرامان بۇ يەردە فىرانسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرك جەمئىيەتلىرىنىڭ  ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

پارلامېنت باشلىقىنىڭ كېيىنكى بېكىتى فىرانسىيە پالاتاسى ئىدى.

پالاتا باشلىقى جېرار لارشې تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغان قاھرامان كەسپدىشى بىلەن كۆرۈشتى.

بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قاتناشقان ئۇچرىشىش ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە داۋاملاشتى.

قاھرامان ۋە لارشې ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئايرىم كۆرۈشتى، تۈركىيە ھەيئىتى ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەتكە قاتناشتى.

ئىسمائىل قاھرامان بۈگۈنمۇ فىرانسىيە پارلامېنت باشلىقى كلاۋد بارتولونې بىلەن كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر