ناھىيەلىك پارتىيە باشلىقى تېررورچىلارنىڭ سۇيىقەستىگە ئۇچرىدى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى دىجلە ناھىيەلىك باشلىقى دەريان ئاقتەرت نەخ مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

586944
ناھىيەلىك پارتىيە باشلىقى تېررورچىلارنىڭ سۇيىقەستىگە ئۇچرىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى دىجلە ناھىيەلىك باشلىقى دەريان ئاقتەرت تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرى تەرىپىدىن قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

دەريان ئاقتەرت تۈنۈگۈن كەچتە ناھىيە مەركىزىدىن چىقىشتا ئۆزىگە تەۋە بېنزىن قاچىلاش پونكىتىدا ئىدى. تۇيۇخسىز پ ك ك تېررورچىلىرى ئۇزۇن مۇساپىلىق قورال بىلەن ھۇجۇم قىلدى. ئاقتەرت نەخ مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلدى. ھۇجۇمدىن كېيىن تېررورچىلارنى تۇتۇش ئۈچۈن رايوندا جىددىي ھەرىكەت باشلاندى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى دىجلە ناھىيەلىك باشلىقى دەريان ئاقتەرتنىڭ بېنزىن قاچىلاش پونكىتىغا ئالدىنقى يىلىمۇ تېررورچىلار ھۇجۇم قىلغان ۋە پات - پات تېررورچىلارنىڭ تەھدىت سېلىشلىرىغا ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن باشلىقى مەھدى ئەكەر خۇسۇسىي بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ پىروگراممىسىدا، پارتىيەسىنىڭ ۋىلايەتلىك ۋە ناھىيەلىك باشلىقلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ قانچىلىغان قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. تۈركىيەنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى شۇنداقلا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ كاپالىتى ھېسابلىنىدىغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنى بەزىلەرنىڭ قورقۇتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئوتتۇرا شەرقنى يېڭىدىن شەكىللەندۈرمەكچى بولغانلارغا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تۇتقان يولى ۋە نىشانى ئارقىلىق توسالغۇ بولۇۋاتقان بولغاچقىلا مانا مۇشۇنداق ھۇجۇملارغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 

مەھدى ئەكەر تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ رايون خەلقىنى چوڭ زېيانغا ئۇچراتقانلىقىنى، دۆلەتنىڭ رايوننى تەرەققىي قىلىدۇرۇش لايىھەلىرىگىمۇ داۋاملىق بۇزغۇنچىلىق رولى ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر