«تىنچلىق ئۈچۈن ئېنېرگىيەنى ئادىل تەقسىم قىلىش سىگنالىنى پۈتكۈل جاھانغا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئېنېرگىيەنى ئادىل تەقسىم قىلىپ، دۇنيا تىنچلىقىغا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن «تىنچلىق ئۈچۈن ئادىل تەقسىم قىلىش سىگنالى» نى پۈتكۈل جاھانغا يەتكۈزۈش لازىملىقىنى ئېيتتى.

586552
«تىنچلىق ئۈچۈن ئېنېرگىيەنى ئادىل تەقسىم قىلىش سىگنالىنى پۈتكۈل جاھانغا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئىستانبۇلدا باشلانغان 23 – نۆۋەتلىك خەلقئارا ئېنېرگىيە يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن Twitter  سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تەرەققىياتتىن سېلىنمىلارغىچە گۈللىنىشتىن سەھىگىچە نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن ئېنېرگىيە زادى كەم بولسا بولمايدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى ئېنېرگىيە پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسى ئۈچۈن تىنچلىق ۋە ئادالەت ئورنىتىش بارىسىدا مۇھىم بىر ۋاسىتىدۇر. ئىشىنىمەنكى، ھەممە ئېنېرگىيەدىن تەڭ بەھرىمەن بولغاندا، ئىنسانىيەت دۇنياسى تىنچلىق ۋە ھۇزۇرغا تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ. بۇنىڭغا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن بۇ سىگنالنى پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىغا يەتكۈزۈشىمىز لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر