«ئىراق ئاۋام پالاتاسىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەربىي مەۋجۇدىيىتى توغرۇلۇق ئالغان قارارى ياخشى نىيەتلىك ئەمەس»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراق ئاۋام پالاتاسىنىڭ تۈركىيەنىڭ باشىكادىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتى توغرۇلۇق ئالغان قارارىنىڭ ياخشى نىيەتلىك ئەمەسلكىنى ئېيتتى.

583869
«ئىراق ئاۋام پالاتاسىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەربىي مەۋجۇدىيىتى توغرۇلۇق ئالغان قارارى ياخشى نىيەتلىك ئەمەس»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن سېربىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىۋىسا داچىچ بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىراقتىكى باشىكا ھەربىي لاگېرىنىڭ قۇرۇلۇش نىشانىنى خاتىرىلەتتى.

لاگېرنىڭ يېڭى قۇرۇلمىغانلىقىنى قەيت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ بۇ لاگېرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىدىغان يەرلىك كۈچلەرنى تەربىيەلەش مەقسىتىدە قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىراق ھۆكۈمىتىگىمۇ بەش قولدەك ئايان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

چاۋۇشئوغلۇ ئىراقتا قوشۇن تۇرغۇزۇش قارارنامىسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ھەر يىلقىغا ئوخشاشلا بۇ يىلمۇ 1 – ئۆكتەبىر كۈنى يېڭىلىنىشىغا قارىتا باغدادنىڭ ئىنكاسىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي سۈركىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىچكى سىياسىي ئەندىشىلىرى تۈپەيلى ئىراقنىڭ بۇنداق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشىنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى ۋە دوستلۇققا ياراشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ بۇنداق ئىنكاسلارنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەمۇ داخىل بولۇۋاتقان سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىشقا قارىتا تىرىشچانلىقلار توغرىلىقمۇ توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، «بۇ ئاخىرقى پۇرسەت بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسى توغرۇلۇق بۇنىڭدىن كېيىن شەكىل خاراكتېرلىك يىغىنلارنىڭ چاقىرىلىشىنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن سىرت يەنە، مۇناسىۋەتلىك بارلىق دۆلەتلەر ۋە ئاكتىيورلارمۇ بىردەك ھەسسە قوشقاندىلا ئاندىن تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر