ياۋروپا بويىچە ئەڭ يۇقىرى پەرقلەندۈرۈشچانلىق ئىقتىدارىغا ئىگە تۇنجى يەرلىك تېلېسكوپ
ئەرزۇرۇم ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئىستانبۇل FMV ئىشىق ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپا بويىچە ئەڭ يۇقىرى پەرقلەندۈرۈشچانلىق ئىقتىدارىغا ئىگە تۇنجى يەرلىك تېلېسكوپ ئىشلەپچىقىرىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېسكوپ HUBBLE سۈنئىي ھەمراھ تېلېسكوپىدىن 7 ھەسسە يۇقىرى پەرقلەندۈرۈشچانلىققا ئىگە بولىدۇ.
ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رىياسەتچىلىكى ۋە ساھىبخانلىقىدا FMV ئىشىق ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشلەپچىقىرىدىغان «شەرقىي ئانادولۇ كۆزىتىش مەركىزى تېلېسكوپى» ياۋروپا بويىچە ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدىكى يۇقىرى پەرقلەندۈرۈشچانلىق ئىقتىدارىغا ئىگە ئۈسكۈنە بولىدۇ.
150 مىليون لىرا چىقىم قىلىنىدىغان 4 مېتىرلىق تېلېسكوپ گۈمبەز، بىنا ۋە ئوپتىكىلىق جاھازلىرى سايىسىدا ھەم سۈنئىي ھەمراھلىق ھەم مەنزىرىلىك ھەمدە ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق رايوندا كۆزىتىش ئېلىپ بارالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولىدۇ.
DAG تېلېسكوپى 2019 - يىلدىن ئېتىبارەن ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدا ئەرزۇرۇمدىكى 3 مىڭ 170 مېتىر يۈكسەكلىكتىكى قوناقلى – قاراقايا ئېگىزلىكىگە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.
تېلېسكوپنى ئەرزۇرۇمغا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ سەۋەبى بولسا، ئەرزۇرۇمنىڭ ھاۋا شارائىتى ۋە جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ كۆزىتىش ئىشلىرىغا ئەڭ ئۇيغۇن كېلىدىغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇشى.
DAG تېلېسكوپى لايىھەسىنى تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىتىرلىقىمۇ قوللىماقتا.