ئەردوغان: ئويۇننىڭ ئاخىرىغا كەلدۇق، ياۋروپا بۇنى بىلىشى كېرەك

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى، ھەربىي ئىسيان ۋە تۈركىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى بويىچە مۇھىم سۆز قىلدى.

581060
ئەردوغان: ئويۇننىڭ ئاخىرىغا كەلدۇق، ياۋروپا بۇنى بىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان،  فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىنى ئۇنتۇماسلىق ۋە ئۇنتۇلدۇرماسلىق ئۈچۈن، دەرسلىك كىتابلىرىدىن ھۆججەتلىك فىلىملارغىچە بولغان بارلىق ساھەلەردە 15 – ئىيۇلنىڭ ئورۇن ئېلىشىنى رىغبەتلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە 26 – باسقۇچ ئىككىنچى قانۇن چىقىرىش يىلىنىڭ باشلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلدى؛ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەربىي ئىسيانغا قارشى مەردانە پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ئارقىلىق مىللىي ئىرادىنىڭ تەجەللىخانىسى بولغان ئورگانغا (تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى) ئىگە چىققانلىقىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «بۇ مۇساپىدە تۈركىيە،  بىر ئۇچۇم خائىننى ھېسابقا ئالمىغاندا، 79 مىليون پۇقراسى بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، دۇنياغا تارىخ بويىچە ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىلگۈدەك شەكىلدە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە دەرسى بەردى... كىمكى،  15 – ئىيۇلنى <ھەربىي ئىسيان> دېيەلمىسە ۋە ئۇنىڭغا لەنەت ئېيتالمىسا، ئۇمۇ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسىدۇر، ھېچبولمىغاندىمۇ پىداكار قوللىغۇچىسىدۇر» دېدى.

تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ،  PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرىنىڭ شۇنداقلا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە دائېشقا قارشى تاشلىغان ھەر بىر قەدىمىگە PKK ۋە PYD/YPG تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ  پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ قارشىلىق بىلدۈرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە  رايوندا ئىنتايىن تۇترۇتسىز  ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىزچىل ھالدا سۈرىيە ۋە ئىراقتا PKK/PYD-YPG تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئورتاق ھەرىكەت قىلسا، يەنە بىر قىسمى بىزنىڭ سەزگۈرلۈكلىرىمىزگە بىر قەدەر يېقىن سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشكە تىرىشماقتا» دېدى.

فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسىگە قارشى رايون خەلقى بىلەن بىرلىكتە باشلانغان بىر ھەربىي ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «پىرىنسىپ جەھەتتىن ھېچكىم بىزگە ئېتىراز بىلدۈرمىدى، ئەمما، ئەمەلىي قوللاشقىمۇ ئېرىشەلمىدۇق. جەنۇبتىكى چېگرالىرىمىز بويىچە پەيدا قىلىنىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقان تېررور كارىدورى ۋە PKK بىلەن دائېشنىڭ دۆلىتىمىزگە مەركەزلەشكەن ھەرىكەتلىرى، بىزنى بۇ پىلاننى ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىجرا قىلىشقا مەجبۇرلىدى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ،  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە ۋەدە قىلغان ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سىياسىتىنىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياناتلىرىغا قارالغىنىدا، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتەك تۈركىيە ئۈچۈن ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە بىر مەسىلىنى بۇ ئىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىگە ئايلاندۇرۇشقا ئورۇنۇلغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكلىرىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، «ئوچۇق ئېيتىمەن: بۇ پوزىتسىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقىنىڭ ئېلانىدۇر. يەنە شۇنى روشەن ئوتتۇرىغا قويىمەنكى، ئۇلار ئۆزلىرى بىلسۇن.  تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق جەرياندا داۋاملىق بەرگەن تەرەپ، داۋاملىق ۋەدىسىدە تۇرغان تەرەپ بولۇپ كەلدى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەگەر ئوبيېكتىپ باھا بېرىش ئارقىلىق تۈركىيەنى تولۇق ئەزالىققا ئالىدىغان بولسا، بۇنىڭ ھېچقانداق توسالغۇسى يوق. بىز بۇنىڭغا تەييار. لېكىن، ئۇنداق بىر نىيەت بولمىسىمۇ، ئەقىل – پىكىرگە سىغمايدىغان شەرتلەر بىلەن بىزنى كولدۇرلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلايدىغان بولسا، خاتالاشقان بولىدۇ. ئەمدى بۇ ئويۇننىڭ ئاخىرىغا كەلدۇق، بۇنى بىلىشلىرى كېرەك. تۈركىيە بىلەن ياكى تۈركىيەسىز يولىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تاللاش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىشىدۇر؛ ئۇنى ئۇلار تاللايدۇ، ھىيلىگەرلىك قىلىپ جاۋابكارلىقنى بىزگە ئارتىپ قويۇشقا تىرىشمىسۇن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر