«فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە دائېشقا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ 24 – ئاۋغۇست باشلانغان «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئائىت 103 نىشان يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋېتىلدى.

575089
«فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە دائېشقا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەزىز – رەي رايونىدا ئۆكتىچىلەردىن تەشكىل تاپقان 5 ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان بولۇپ، دائېشقا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە ئىكەن.

تۈنۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن رەي رايونىنىڭ غەربىي قىسمى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈشى بىلەن تەكرار قايتۇرۇۋېلىنغان.

ئالدىن ئېنىقلاپ چىقىلغان دائېشقا ئائىت 103 نىشان 357 دانە «بوران – چاپقۇن» ناملىق راكېتامىيۇت ۋە 20 دانە توپ ئارقىلىق يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋېتىلگەن.

ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە ھازىرغىچە 927 نىشان 3 مىڭ 707 قېتىم بومبىلانغان.

بۇ ئارىلىقتا، ئىتتىپاقداش كۈچلىرى باھۋۇرتاھ، قەدرىش ۋە ئەلئەتھەرىييە رايونلىرىدىكى دائېش ئۇنسۇرلىرىنى ئۇدا 6 قېتىم بومباردىمان قىلدى.

بومباردىمانلاردا 3 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى، 1 بىنا بىلەن 1 قورال قاچىلانغان ئاپتوموبىل يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋېتىلدى.

رايوندا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئورگىنى بىلەن تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن پۇقرالارغا قارىتا ياردەملىرىمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر