چاۋۇشئوغلۇ بىر قاتار ئەللەرنىڭ ئەمەلدارلىرىغا فەتھۇللاھچىلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، 71 – نۆۋەتلىك ب د ت ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى.

574792
چاۋۇشئوغلۇ بىر قاتار ئەللەرنىڭ ئەمەلدارلىرىغا فەتھۇللاھچىلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ ۋىسكونسىن پالاتا ئەزاسى، تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ياۋروپا ۋە رايونلار ئارا خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى ياردەمچى كومىتېتىنىڭ باشلىقى رون جونسوننى قوبۇل قىلدى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلىنىشىچە، چاۋۇشئوغلۇ جونسونغا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەھۋاللار توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن ۋە ئامېرىكىدىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيە قايتۇرۇلۇشىنى كۈتىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

ئۇچرىشىشتا يەنە، ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى قاتارلىق سۈرىيە ۋەزىيىتىگە دائىر ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار شۇنداقلا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاھسىن ئەرتۇغرۇلئوغلۇ بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، قىبرىستا داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەت مۇساپىسى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىللىك ئورنىنىڭ كۈچەيتىلىشى، يېڭى باش كونسۇلخانىلارنىڭ ئېچىلىشى مەسىلىسى قاتارلىقلار توغرىسىدا سۆزلەشتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يەنە، مالى، كېنىيە، پىل چىشى قىرغىقى قاتارلىق ئەللەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، تۈركىيەدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ غەرىزى، قۇرۇلمىسى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. چاۋۇشئوغلۇ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كۆپلىگەن ئافرىقا ئەللىرىنىڭ مۇقىملىقىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

چاۋۇشئوغلۇ يەنە، چېخىيە (چېخ) جۇمھۇرىيىتى ۋە پاراگۋاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەنمۇ ئايرىم – ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر