مۇداپىئە مىنىستىرى ئىشىق: پىيادىلەر قىسىملىرىمىزنى ئەلبابقا ئەۋەتىش پىلانىمىز يوق

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق، تۈركىيە پىيادىلەر قىسىملىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئەلباب رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشتۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارنى رەت قىلدى.

574438
مۇداپىئە مىنىستىرى ئىشىق: پىيادىلەر قىسىملىرىمىزنى ئەلبابقا ئەۋەتىش پىلانىمىز يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق، «تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئەلبابقا بېرىشقا توغرا كەلسە بېرىلىدۇ، لېكىن، بۇ ھەرىكەتكە ئۆز پىيادە قىسىملىرىمىز بىلەن قېتىلىشتەك بىر پىلانىمىز يوق» دېدى.

تۈركىيەنىڭ 24 – ئاۋغۇستتا باشلانغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئۆز بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئالغۇچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىشىق، ئەلبابقا بېرىشقا توغرا كەلسە، بۇنى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ۋە  «كىشىلەر ئۆز زېمىنلىرىنى مۇداپىئە قىلىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىزمۇ بۇ جەھەتتە ئۇلارغا ياردەم قىلىمىز، قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۆز زېمىنلىرىنى دائېش ۋە YPG تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن پۈتۈنلەي تازىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز رايونىدا ياشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن مىنىستىر ئىشىق، «ئۇ يەردىكى سۈرىيەلىك ئەرەبلەرگە تەۋە زېمىنلارنىڭ نە دائېش، نە PYD تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشىغا تۈركىيە قەتئىي ئىجابىي قارىمايدۇ. بۇ نۇقتىدا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە كېرەكلىك ھەر تۈرلۈك ياردەمنى قىلىمىز. لېكىن، ئۆز پىيادىلەر قىسىملىرىمىز بىلەن بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىشتەك بىر پىلانىمىز يوق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر