سۈرىيەدە يەنە ئۈچ يېزا كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى

24-ئاۋغۇست تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ باشچىلىقىدا سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش مەقسىتىدە باشلانغان «فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى» دائىرىسىدە، رائى رايونىدىكى ئۈچ مەھەللە كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى.

572818
سۈرىيەدە يەنە ئۈچ يېزا كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيە باش ئىشتابى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ 26-كۈنىدىكى ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، تۈنۈگۈن (18-سېنتەبىر) ئازىز-رائى رايونلىرى ئارىسىدا بەش ئۆكتىچى گۇرۇپپىدىن تەشكىللەنگەن ئالاھىدە گۇرۇپپىنىڭ جەنۇبىي يۆنۈلۈشتە دائېشقا قارشى ھۇجۇمىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەلۇماتقان ئاساسلانغاندا، رائى رايونىدا تېل شائىر، تېلئار ۋە قاراقۇز كونترول ئاستىغا ئېلىنغان. توقۇنۇش جەريانىدا، ئۆكتىچىلەردىن يەتتە ئادەم شېھىت بولغان، توققۇز ئادەم يارىلانغان. 37 دائېش نۇقتىسىغا 142 زەمبىرەك ئوقى ئېتىلغان. تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانلىرى تېلئاردىكى ئىككى دائېش نۇقتىسى ۋە ئىككى بىنانى بومباردىمان قىلىپ، بىتچىت قىلغان.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم باراگىداھ، جۇرۇر ۋە كاردىش رايونلىرىدا بايقالغان دائېش نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى. تۆت دائېشچى ئۆلتۈرۈلدى، بەش بىنا بومباردىمان قىلىندى.

ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سۈرىيە چېگرا لىنيەسىىنى ئىزچىل ھالدا ھاۋادىن كۆزەتمەكتە. تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى بىلەن تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىمۇ ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ۋە پۇقرالارغا قارىتا ئارقا سەپ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. رايوندا ياشاۋاتقان خەلقنىڭ زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ھەرتۈرلۈك تەدبىرلەر ئېلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر