رۇسىيە باش ئىشتاب باشلىقى بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ
رۇسىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى ۋالېرىي گېراسىموۋ بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىپ، تۈركىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى ئاكار بىلەن كۆرۈشىدۇ.
571026
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى ۋالېرىي گېراسىموۋ بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك ھۇلۇسى ئاكار بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئىككى قومانداننىڭ ئۇچرىشىشىدا سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ھەربىي ساھەدە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.