جون كېررىي بىلەن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تېلېفوندا كۆرۈشتى

جون كېررىي تۈركىيەنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكى ۋە قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن رەخمەت ئېيتتى.

569219
جون كېررىي بىلەن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تېلېفوندا كۆرۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن، سۈرىيەدە كەڭ دائىرىلىك بىر تۇقۇنۇشسىز ھالەت شەكىللەندۈرۈش ۋە ئىنسانپەرۋرەلىك ياردەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىمدىن شۇنداقلا بۇ كېلىشىمنىڭ قۇربان ھېيتتىن بۇرۇن ئىجرا قىلىنغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

جون كېررىيمۇ تۈركىيەنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكى ۋە قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن رەخمەت ئېيتتى.

ئىككى مەنسەپداشلار ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، سۈرىيەنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر