مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىشلاردا بولدى

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىر كۈنلۈك رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن فىرانسىيەنىڭ سىترازبورگ شەھىرىگە يېتىپ باردى.

567087
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىشلاردا بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسى ئۈستىدە قايتىدىن ئېنىقلىما بەردى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىر كۈنلۈك رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن فىرانسىيەنىڭ سىترازبورگ شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېڭىيىشىگە مەسئۇل ئەزاسى يوھاننېس ھان بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتا تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتاق ھەرىكەت پىلانى ۋە ئەزالىق مۇزاكىرە باسقۇچىغا ئالاقىدار ئىلگىرىلەشلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ  ئۇچرىشىشلىرىنى ياۋروپا كېڭىشىدە داۋاملاشتۇردى ۋە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى قوشۇمچە ئىستونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىنا كالجۇراند ھەمدە ياۋروپا كېڭىشى باش كاتىپى توربىيون ياگلاند بىلەن كۆرۈشتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلار ئۆلۈم جازاسى مەسلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «خەلقنىڭ شۇنداق تەلىپى بار، بىراق جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ مەسىلىنىڭ پارلامېنتتا مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. پارلامېنتتا تېخى كۈنتەرتىپكە كەلمىدى. بىراق ياۋروپا تەرەپتىن بۇ ھەقتە كېلىۋاتقان سەلىبىي ئېنىقلىمىلار ھېسسىياتچان مۇھىتنى سەلىبىي تەسىرگە ئۇچراتماقتا» دېدى.  

ياگلاندمۇ تۈركىيەدىكىگە ئوخشاش ۋەقە ئەگەر باشقا دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن بولسا، بۇ خىل ھېسسىياتچان ئىنكاسلارنىڭ كېلىشى تامامەن مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «خەلقنىڭ بۇ خىل ئىنكاسىنى توغرا چۈشۈنۈش لازىم. مۇھىم بولغىنى قانۇنىي باسقۇچنىڭ داۋاملىشىشىدۇر» دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا كېڭىشى گۇرۇپپىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى. سىترازبورگدىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن ئەنگلىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا بەزى مەنسەپداشلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە سۈرىيە مەسلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن لوندونغا يۈرۈپ كەتتى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر