تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى

باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئالانىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

562927
تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن (31-ئاۋغۇست) كەچ سائەت 19 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنى قوبۇل قىلدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ كۆرۈشۈشى سائەت 20:00 ئەتراپىدا ئاخىرلاشتى. باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم كۆرۈشۈشتىن كېيىن، قىسقا بايانات ئېلان قىلدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئالانىڭ ئورنىغا، سۇلايمان سويلۇنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. سۇلايمان سويلۇدىن بوش قالغان ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىگە، مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت مۈئەززىنئوغلۇنىڭ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر