گىرېتسىيە: قاچقۇن ئەسكەرلەر ئۈستىدە گىرېتسىيە ۋە ياۋروپا قانۇنىغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش جەريانىدا، گىرېتسىيەنىڭ تۈركىيەدىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى قوللىغانلىقى سەۋەبىدىن تەشەككۈر

561080
گىرېتسىيە: قاچقۇن ئەسكەرلەر ئۈستىدە گىرېتسىيە ۋە ياۋروپا قانۇنىغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، تۇنجى ياۋروپا زىيارىتىنى گىرېتسىيەدىن باشلىدى. ئۇ گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس كوكىياسنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن گىرىت ئارىلىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن غەيرى رەسمىي كۆرۈشۈشىدە، رايون ۋەزىيىتى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى قارشىسىدا نامايان قىلغان مەيدانىنىڭ، تۈركىيە خەلقىنى ئىنتايىن خۇرسەن قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ 15-ئىيۇل كېچىسى باشتىن كەچۈرگەن خەتەرنى ياۋروپا دۆلەتلىرى ئارىسىدا گىرېتسىيە ۋە گىرېك خەلقىدىن تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىدىغان ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئۇ قىبرىستا داۋام قىلىۋاتقان سۆھبەت مۇزاكىرەلىرى توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇ: «مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى قوللايمىز» دېدى.

گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس كوكىياس مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى رايون ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ 15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«گىرېتسىيە خەلقىنىڭ بۇ مەسىلىدە تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا بىلدۈردۈم.»

گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس كوكىياس گىرېتسىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئەسكەرلەر توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇ قاچقۇن ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتىگە قايسى دەرىجىدە قاتناشقانلىقى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، سوت مەھكىمىسىنىڭ گىرېتسىيە ۋە ياۋروپا قانۇنلىرىغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.  

گىرېتسىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن سەككىز قاچقۇن ئەسكەرنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىنىڭ ئىككى كۈن ئىچىدە تاماملىنىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر