ئەردوغان جىزرەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن(26-ئاۋغۇست) ئەتىگەن شىرناكنىڭ جىزرە ناھىيەسىدە ساقچىلارنى ۋە بىگۇناھ خەلقىنى نىشان قىلغان بومبا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ۋە جىنايەتچىلەرگە لەنەت ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

559954
ئەردوغان جىزرەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جىزرە ناھىيەسىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن قىلىنغان بۇ ھۇجۇمدا شېھىت بولغان ساقچىلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يېقىن-يورۇقلىرىغا سەۋر، يارىدارلارغا شىپالىق تىلىدى. ئۇ جىزرەنىڭ، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۆزى كولىغان ئورەككە چۈشكەن، ناھىيە خەلقىنىڭ دۆلىتى بىلەن بىر پۈتۈنلىشىپ، قۇچاقلاشقان «غازى» ناھىيەگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ جىزرە خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ، بۇ خىل ھۇجۇملىرى بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى جىددىي كۈرەش قىلىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن بۇ خائىن ھۇجۇمنىڭ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ تېررورلۇققا قارشى قەتئىي ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«15-ئىيۇل پۈتۈن خەلقىمىزنى، گازىئانتەپتە كىچىك بالىلىرىمىزنى، گىرەسۇندا چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ رەئىسىنى نىشان قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى، سەپەرۋەرلىك ئېڭى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشنىڭ غەلىبىگە ئېرىشىدىغانلىقىدىن ھېچكىم گۇمان قىلمىسۇن. تۈركىيە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ خاتىرجەملكىنى قەستلەۋاتقانلار ۋە ئۇلارنىڭ قولچۇماقچىلىرىنىڭ مەينەت قولىغا ھەرگىزمۇ پۇرسەت تۇتقۇزۇپ قويمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر