خۇش خەۋەر! تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىشلەش رۇخسىتى ئالالايدۇ

تۈركىيەدە چەت ئەللىكلەرنىڭ خىزمەت شارائىتىنى تەرتىپكە سالىدىغان قانۇن رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

556312
خۇش خەۋەر! تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىشلەش رۇخسىتى ئالالايدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئىشلەش رۇخسىتى بېرىلىدىغان بولدى

تۈركىيەدە چەت ئەللىكلەرنىڭ خىزمەت شارائىتىنى تەرتىپكە سالىدىغان قانۇن رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلاندى.

بەلگىلىمىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيەدە ئالىي مائارىپنى تاماملىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىشلەش رۇخسىتى ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. تۈركىيەدە ھازىر 68 مىڭدىن كۆپرەك چەل ئەللىك ئوقۇغۇچى بار.

تۈركىيەدە چەت ئەللىكلەرنىڭ خىزمەت شارائىتىنى تەرتىپكە سالىدىغان قانۇن رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۈگۈن ئىجرا قىلىنىشقا باشلاندى. ئالىي مائارىپنى تۈركىيەدە تاماملىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەن يىلدىن باشلاپ، 1 يىل ئىچىدە ئىشلەش رۇخسىتى ئېلىشقا ئىلتىماس سۇنالايدۇ. ئىلتىماس خەلقئارا ئەمگەك كۈچى سىياسىتى مەسلىھەت كېڭىشى تەرىپىدىن ماقۇللىنىدۇ.

ۋەتەن گېزىتىنىڭ خەبىرىدە بولسا، تۈركىيە ھېساب ئىشلىرى ۋە مالىيە مەسلىھەت خىزمەتلىرى شىركىتىنىڭ شېرىكى نەسلىخان رېپېرسنىڭ «تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياكى تېخىمۇ يۈقىرى سەۋىيەدە ئوقۇغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشنى باشلاپ، دەسلەپكى بىر يىلنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئىشلەش رۇخسىتى ئېلىشقا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. 4857 نۇمۇرلۇق ئەمگەك مۇلازىمەت قانۇنىغا بىنائەن قىسمەن مۈددەتلىك ئىشلەش رۇخسىتىگە ئىگە بولالايدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

 نەسلىخان رېپېرس: «تۈركىيە ئالىي مۇئارىپ باشقارمىسىنىڭ  2014- ۋە 2015 - يىللىق ئىستاتېسكىسىغا كۆرە، تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا 68 مىڭ 286 ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا. ئنىۋېرسىتېتلىرىمىز بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى بەكرەك جەلپ قىلماقتا» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر