سېلىنما ئىشلىرى 14 يىلدا 10 ھەسسە ئاشتى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 14 يىل ئىچىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ناھايىتى يۈكسەك سەۋىيەگە يەتتى.

553115
سېلىنما ئىشلىرى 14 يىلدا 10 ھەسسە ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى – تاشقى بارلىق سۇيىقەستلىك پىلانلار ۋە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارىماي ئىقتىسادىي تەرەققىيات، پۇل پاخاللىقى ۋە ئېكسپورت ئىشلىرى ھەمىشە تۈركىيەنىڭ پايدىسىغا قاراپ ئىلگىرىدى. ئىشەنچ ۋە مۇقىلىقنىڭ سىمۋولى بولغان بىۋاسىتە چەت ئەل سەرمايىسى رەقەملىرىمۇ 14 يىلدا 10 ھەسسە ئېشىپ، 148.2 مىليارد دوللارغا يەتتى.

تۈركىيە 17 يېڭى لايىھەسى ئارقىلىق ئىككىنچى ئەڭ يۈكسەك سېلىنما ھەجمىنى قولغا كەلتۈردى. 3 يېرىم ئۆلچەملىك خۇسۇسىيلاشتۇرۇش پىلانى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندالدى. 4.3 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى كەمەركۆي ۋە يەنىكۆي تېرمال رېياكتورلىرى، 1.1 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ياتاغان تېرمال رېياكتورى ۋە 350 مىليون دوللار قىممىتىدىكى چاتالاغزى تېرمال رېياكتورى پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر