مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇشى ھەققىدە جون كېررىي بىلەن سۆھبەتلەشتى
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ كېلەر ھەپتە تۈركىيەدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىمۇ تېلېفون سۆھبىتىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تېمىسى بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، تېلېفون سۆھبىتىدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت شايكىسى (FETÖ/PDY)نىڭ كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇشىغا دائىر نۆۋەتتىكى باسقۇچلار مۇزاكىرە قىلىندى.
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ كېلەر ھەپتە تۈركىيەدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىمۇ تېلېفون سۆھبىتىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تېمىسى بولدى.
سۆھبەتتە يەنە مۇنبىچ ۋە ھەلەبنىڭ شۇنداقلا سۈرىيەنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئارقىدىنلا بۇلغارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دانىئەل مىتوۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
سۆھبەتتە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر، تەرتىپسىز كۆچمەنلىك ئېقىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بۇ ساھەدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.