يەنە بىر قىسىم فەتھۇللاھچى قاچقۇن ئەسكەر قولغا چۈشتى

كونيادا 15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئىككى ئەسكەر تۇتۇلدى.

551988
يەنە بىر قىسىم فەتھۇللاھچى قاچقۇن ئەسكەر قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى-پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر دائىرىسىدە ئىزدىلىۋاتقان پولكوۋنىك نەبى گازنەلى بىلەن مۈسلۈم كايا كونيا ۋىلايىتىدە قولغا چۈشتى.

قاچقۇن ئەسكەرلەرنىڭ كونيادا ئىكەنلىكىنى ئېنقىلاپ چىقىپ ھەرىكەتكە ئۆتكەن ساقچىلار، گازنەلى بىلەن كايانى سەلچۇقلى ناھىيەسى يازىر مەھەللىسىدە ئىجارىگە ئالغان ئۆيىدە تۇتتى.

كونيادا تۇرۇۋاتقانلىقىغا 2 كۈن بولغان گۇماندارلارنىڭ ئىستانبۇلغا بېرىپ، بۇ يەردىن مىسىرغا قېچىشنى پىلانلىۋاتقانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.

ئىگلىنىشىچە، گۇماندارلار ت ر ت غا بېسىپ كىرىش ۋە ئىستانبۇل بوغۇزئىچى كۆۋرۈكىدە خەلققە ئوق چىقىرىشقا يوليۇرۇق بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر